xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1555|ئىنكاس: 2

BBE D82 Sonic Maximizer v2.0توغرىسىدا چۈشەنچە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
BBEقايسى خىلدىكى ئاۋاز ئۈنۈملەش يۇمشاق دىتالى ؟
ئاددى قىلىپ ئىيتساق ،BBEقوزغۇتۇش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش قىستۇرما يۇمشاق دىتالدۇر .
بۇ يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ئاۋازنى تىخمۇ ئىنق  ،دانىمۇ _دانە ،روشەن قىلىپ ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ .
تۆۋەندە بىز BBEنىڭ بۇرۇنقى نۇسقىسىنى كۆرۈپ باقايلى .
ۋۇي ،بۇ ئۈنۈملۈگۈچ مەندىمۇ بارغۇ ؟
شۇنداق بۇ ئۈنۈملۈگۈچ ئىلگىرى بىر مەھەل ھۆكىمىران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ ،كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەيدىغانلارنىڭ ھەممسى ئازراق بولسىمۇ ئىشلىتىپ باققان .
2008-يىلى BBE Soundبىلەن Nomad Factoryشىركىتى بىرلىشىپ BBEنىڭ يىڭى نەشىرى BBE D82 Sonic Maximizerنى ئوتتۇرغا چىقاردى .
تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ :
لاھىيلىگۈچىلەر Sonic Maximizerنىڭ كودىغا نۇرغۇن ئۆزگەرتىشلەرنى قوشقان بولۇپ ،تىخمۇ كۆپ مەشخۇلات سۇپىلىرىدا بىمالال ئىشلىتىش ئىشقا ئاشۇرلدى .
D82 Sonic Maximizerئىشلەتكۈچىلەرنى چەكلىمىسىز ھالدا ئىشلەتكۈچىلەر پارامىتىرى قوشۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدۇ .بۇ 882iماركىلىق قوزغۇتۇش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش ئاپىراتىنىڭ ئىقىتدارى بىلەن تەڭ دەرىجىدە بولۇپ D82 Sonic Maximizer سىزنىڭ مۇزىكىڭىزنى تىخمۇ ئىنىق ۋە يورۇق ،چۇڭقۇر ۋە قىلىن قاتلامىلىق قىلالايدۇ . ھەر قانداق قىستۇراما دىتال فورماتىدىكى ئاساسى مۇزىكا پىروگىراممىلىرىدا بىمالال قىستۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ .
BBE Soundئەتىرىتى يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاۋاز چاستوتىسى بىر تەرەپ قىلىش تىخنىكىسى ۋە مۇستەققىل خاسلىققا ئىگە ھىساپلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۇ ئۈنۈملەش قۇرالىنى تۈزۈپ چىقىتى . بۇ مۇستەققىل تىخنىكا يالغۇز D82 Sonic Maximizer دىلا قوللۇنۇلۇپ  قالماي بەلكى يەنە  BBEنىڭ قاتتىق دىتاللىرىدىمۇ ئوخشاشلا قوللىنىلدى .
مەزكۇر ئۈنۈملەش قۇرالى تۆۋەندىكىدەك ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچگە ئالغان .
1.يۇقىرى سۈپەتتىكى سىگىنال بىر تەرەپ قىلىش ھىساپلاش قائىدىسى
2.سىترولۇق تۆۋەن چاستوتا كونتوروللاش (0دىن 10دەرىجىگىچە )
3.ستىرولۇق ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىپ كونتوروللاش (0دىن 10دەرىجىگىچە )
4.چىقرىش توك دەرىجىسىنى كونتوروللاش 12db-دىن 12db+گىچە
5.ئۆتكۈزۈشنى كونتوروللاش
6.pcبىلەن macمەشغۇلات سۇپىسىدا بارلىق پارامىتىرلارنى ئاپتۇماتىك كونتوروللاش .
7.ئىشلىتىشكە قولايلىق بولغان تەقىلىدى مەشغۇلات يۈزى
8.Windows XP/Vista 32مەشغۇلات سىستىمىسى ۋە (Mac OS XIntel & PPC) دا نورمال قوللىنىش
9.VST、AU ۋە RTAS قىستۇراما دىتال فورمات شەكللىرىنى قوللاش
10.  24bitلىق ئىنقلىق دەرىجىسى بىلەن  192khzلىق ئۈلگە نىسپىتىنى قوللاش
D82 Sonic Maximizerئۈنۈملەش يۇمشاق دىتلىنىڭ مەشغۇلات يۈزىدە تەڭشەشكە بولىدىغان پارامىتىلار ئانچە كۆپ ئەمەس ،جەمئىي ئۈچ كۇنۇپكا بار ،Windowsمەشغۇلات سىستىمىسىدا Ctrlنى بىسىپ تۇرۇپ كۇنۇپكىنى تاق چەكسەك پارامىتر دەرھال ئەسلى قىممەتكە ئاپتۇماتىك قايتىدۇ .
Shiftنى بىسىپ تۇرۇپ كۇنۇپكىنى تولغۇساق پارامىتىر ئەڭ كىچىك قىممەتتە ئۆزگىرىدۇ .
ئالدىن بىكىتىلگەن پارامىتىرلارنى ئىشلىتىش :
ئالدىن بىكىتىلگەن پارامىتىرلار نى ئىشلىتىپ ھەر قانداق بىر ئۈنۈملەش يۇمشاق دىتالىنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە توغرا پايدىلىنىشقا بولىدۇ .
ئالدى  بىلەن بىز D82 Sonic Maximizerنى ناخشا ئاۋاز يولىغا يۈكلەپ ،بۇ يولىنىڭ ئاۋازنى ئايلانما قايتىلاش ھالىتىدە قويۇپ تۇرۇپ ،ئاندىن ئالدىن بىكىتىلگەن تەييار پارمىتىرلارنى تاللاپ ئوخشاشمىغان ئاۋاز ئۈنۈملىرىنى ئاڭلاپ باقايلى .
munuتىزىملىكىنى مائۇس ئىستىرىلكىسى ئارقىلىق تاق چىكىپ D82 Sonic Maximizerنىڭ ئىقتىدار تىزىملىكىنى ئاچايلى :
تۆۋەندە تىزىملىكتىكى ھەر قايسى ئىقتىدار تۈرلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز .
About D82 Sonic Maximizer: بۇ بۇيرۇقى تاق چەكسەك كىچىك بىر كۆزنەك ئىچىلىدۇ ،كۆزنەكتە D82 Sonic Maximizerنىڭ نەشىرى ۋەئىشلەپ چىقارغان شىركەت ئۇچۇرى كۆرىنىدۇ .
Save Presets:پارامىتىرلارنى BBE/Nomad Factoryھۆججەت فورماتىدا قاتتىق دىسكىغا ساقلايدۇ .
Save New Preset As: ئەسلىدىن بار بولغان پارامىتىرنى باشقا نامدا ئۆزگەرتىپ ساقلايدۇ .
Save Current Preset:تەڭشەپ تەييار قىلغان پارامىتېرنى نۆۋەتتە تاللانغان پارامىتنىڭ ئورنىغا قاپلاپ ساقلايدۇ .
D82 Sonic Maximizerنىڭ ئۆزىدە ئالدىن بىكىتىپ قويۇلغان تەييار پارامىتىر ھۆججىتىنىڭ قاتتىق دىسكىدىكى ئورنى نورمال ئەھۋال ئاستىدا تۆۋەندىكى مۇندەرىجە ئاستىدا بولىدۇ .
Mac OS X:Macintosh HD > Users > Your Account > Documents > BBE Sound > Plug-in Settings > 00- User Presets :
      Windows XP:我的文档 C: > Documents and Settings > Owner > My Documents > BBE Sound > Plug- in Settings > 00-User Presets:
Load Presets:قاتتىق دىسكىدا ساقلانغان ئالدىن بىكىتىپ قويۇلغان تەييار پارامىتىر ھۆججىتىنى يۈكلەيدۇ .
BBE Sound – Website: پىروگىرامما ئاچقۇچى تەرەپ BBE Sound نىڭ تور بىكىتىنى زىيارەت قىلىش
BBE Nomad Factory – Website:پىروگىرامما ئاچقۇچى تەرەپ
BBE Nomad Factory نىڭ تور بىكىتىنى زىيارەت قىلىش .
Purchase Online: توردا سىتىۋىلىش
Online Support: توردا تىخنىكىدىن ياردەم بىرىش
Online Registration:توردا تىزىملىتىش
Check Updates:نەشىرىنىڭ يىڭىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش
قىستۇرما دىتال كونتوروللىغۇچىسى:
D82 Sonic Maximizerنىڭ مەشغۇلات كۆزنىكى BBEقاتتىق دىتالىغا تەقىلىد قىلىغان بولۇپ ،ئاۋازنى ياخشىلاشقا زۆرۈر بولغان كونتوروللىغۇچىلار قوشۇلغان . مەزكۇر قىستۇرما ئۈنۈملۈگۈچ جەمئىي بەش دانە كونتورول بۆلىكىدىن تەركىب تاپقان .
  BBE PROCESS: بۇ ئۆتكۈزۈشنى كونتوروللاش كۇنۇپكىسى بولۇپ ، تاق چەككەندىن كىيىن بىر تەرەپ قىلىنشتىن بۇرۇنقى ئەسلىدىكى ئاۋازنى ئاڭلىيالايمىز .
Lo Contour:بۇ بۇرۇغۇچ ئارقىلىق تۆۋەن چاستوتغا نىسپەتەن قوزغۇتۇش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ .
Process: بۇ بۇرۇغۇچ ئارقىلىق يۇقىرى چاستوتغا نىسپەتەن قوزغۇتۇش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ .
Output Level:   ئاۋاز مىقتارىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى  تەڭشەش ، سىگىنالنىڭ ئارتىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش .
ئوڭ ياندىكى ئىككى LEDچىرىقى BBE D82 Sonic Maximizerچىقارغان سىگىنالنىڭ چوڭ _ كىچىكلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ .
ئىشلىتىش توغرىسىدا تەكلىپ :
سىز مەيلى قايسى خلدىكى ئۈنۈملەش يۇمشاق دىتالىنى ئىشلەتمەڭ ،ئالدىن بىلەن شۇ ئۈنۈملەش دىتالىنى ئاچقۇچى تەرەپنىڭ ئالدىن بەلگىلەپ قويغان پارامىتىرلىرىنى ئىشلىتىپ كۆرۈڭ .
ئەگەر سىز ئويلىغان ئاۋاز ئۈنۈمى ھاسىل بولمىسا ئەسلىدىكى تەڭشەكنى ئۆزگەرتىپ بىقىڭ .
ئاز _ ئازدىن ئۆزگەرتىش ئارقىلىق چوقۇم تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى ئاۋاز ئۈنمىنى ھاسىل قىلالايسىز .
ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم
دىققەت : كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ !

升级   100%

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-21 23:35:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى نۇسقىسى بەلكىم dxنۇسقىسى بولىشى مۈمكىن ، تور بىكىتىمىزىدىن ئەڭ يىڭى نەشىرىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-9-19 07:32 , Processed in 0.048171 second(s), 9 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش