xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 6081|ئىنكاس: 0

تىڭشىغۇچ ۋە ياڭراتقۇ توغرىسىدا (2)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
    بۇ يەردە شۇنى تولۇقلاپ قويغۇم كىلىۋاتدۇكى ، كەسپىي ياڭراتقۇ ھەرگىزمۇ ھەممىگە قادىر ئەمەس ، بىز بايامدىن  ئىيتقان كەسپى  ياڭراتقۇ ئاۋازنى رەڭلىۋەتمەيدۇ، ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قويمايدۇ دىگەن گىپىمىز ئەمىلىيەتتە نىسپەتەن ئىيتىلغان گەپ. كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەيدىغان ھەممەيلەن ياڭراتقۇنىڭ ئەسلىدىكى ئاۋازنى ھىچقانداق ئۆزگەرتىۋەتمەي ئۆز ئەينى ئاڭلىتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەمىلىيەتتە بۇ مۈمكىن بولمايدىغان ئىش . مەسلەن ئالايلۇق ،بىز ياڭراتقۇدا ئىسكىرىپكىنىڭ يالغۇز چىلىنغان ئاھاڭنى ئاڭلىدۇق دەيلى ، مەيلى قانداق  ياڭراتقۇدا ئاڭلايلى بىزگە ئاڭلانغىنى  ئىسكىرىپكىنىڭ ئەسلىدىكى ئەينەن ئاۋازى ئەمەس. ئويلاپ باقايلى ، ئىسكىرىپكىنىڭ فىزىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن بىر جۈپ ياڭراتقۇنىڭ فىزىكىلىق قۇرۇلمىسىدا شۇنچە زور پەرق تۇرسا ياڭراتقۇ قانداقسىگە بىزگە ئەسلىدىكى ئىسكىرىپكا  ئاۋازنى ئاڭلىتىپ بىرەلىسۇن؟
شۇڭا كەسپىي ياڭراتقۇلار ھەقىقىي ، چىن ئاۋازنى ئاڭلىتىپ بىرەلەيدۇ دىگەننىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتتە نىسپەتەن ئىيتىلغان سۆزدۇر. ئەمما ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ  ئەينەنلىككە يىقىنلىشىشى ھەقىقەتەن پەرق قىلىدۇ. ئوخشاش بىر بۆلەك مۇزىكىنى NS-10M ياڭراتقۇ  ۋە TR8 ياراتقۇ ئارقىلىق  ئايرىم -ئايرىم ئاڭلىغاندىن كىيىن ، مۇزىكىدىن قىلچىلىكمۇ ساۋادى يوق كىشىلەرمۇ بۇ ئىككى خىل ئاۋازنىڭ پەرقلىندىغانلىقىنى ئىيتىپ بىرەلەيدۇ. دىمەك ھەر خىل ياڭراتقۇدىن چىققان ئاۋاز بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ.  ئەلۋەتتە كەسپىي ياڭراتقۇمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
ھەر قانداق بىر ماركىدىكى ، تىپتىكى كەسپىي ياڭراتقۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئاۋاز ئالاھىدىلىكى ۋە «مىجەز خۇلقى» بولىدۇ. ياڭراتقۇدىكى فىزىكىلىق تۈزۈلۈش ئوخشاش بولمىسا  ،  چىققان ئاۋازمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
ماقالىنى ئوقۇپ بۇ يەرگە كەلگەندە  بەلكىم  ئەمىسە قانداق ئاۋاز ياڭراتقۇ سەپلىسەم ئاندىن ئۆلچەملىك بولىدۇ دەپ سورىشىڭىز مۈمكىن.
ئەمىلىيەتتە ، شەخسىي مۇزىكا ئىشخانىلىرىغا نىسپەتەن ئىلىپ ئىيتقاندا ، بىر جۈپ كەسپىي ياڭراتقۇ بولسىلا كۇپايە.  كەسىپلەشكەن  خىزمەت ئىشخانىلىرىدا كۆپ دانە كەسپىي ياڭراتقۇ ۋە كۆپ ۋاستە ياڭراتقۇ  ئارقىلىق ئاۋازنىڭ ئۈنۈمىنى قايتا - قايتا سىلىشتۇرۇپ ئاڭلاشقا توغرا كىلىدۇ.
يۇقاردا بىز  كەسپى ياڭراتقۇ توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ چىقتۇق .  كەسپى ياڭراتقۇ توغرىسىدىكى گىپىمىزنى يىغىنچاقلىساق ،كەسپى ياڭراتقۇدىن چىققان ئاۋاز بىزەلمىگەن ئاۋازدۇر ،يەنى كومپىيوتېر قانداق چىقىرىپ بەرسە ،بىزگە شۇ پىتى ئاڭلىتىپ بىرىدىغان ئۈسكىنىدۇر . يەنە بىر ئالاھىدىكى ،ئۇ ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان ئاۋاز چاستوتا دائىرىسى بۆلەكلىرى ئادەتتىكى كۆپ ۋاستە ياڭراتقۇغا قارىغاندا تىخمۇ ئىنچىكە بولۇپ ،ئاۋاز ئۈنىمدىكى ئازراق ئۆزگىرىشنىمۇ توغرا ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ . تۆۋەندە  تىڭشىغۇچ (نائۇشنىڭ) توغرىسىدا توختىلىمىز . نىمە ئۈچۈن ئايرىم تىڭشىغۇچ توغرىسىدا سۆزلەيمىز .بىر جۈپ كەسپى ياڭراتقۇ سىتىۋالغاندىن كىيىن بولدى ئەمەسمۇ ؟ ئالدى بىلەن تىڭشىغۇچنىڭ ئاۋاز مەيدانى ئورنى ۋە ئۇششاق ھالقىلىق چاستوتا بۆلەكلىرىدىكى سۈزۈكلۈك دەرىجىسى ياڭراتقۇغا قارىغاندا ياخشى . ئۇنىڭدىن قالسا تىڭشىغۇچ باشقىلارنىڭ ئارام ئىلىشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . بىر دانە ياخشى كەسپى تىڭشىغۇچ كەسپى ياڭراتقۇغا قارىغاندا كۆپ ئەرزان بولىدۇ . تۆۋەندىكلىرى كەسپىي مۇزىكا خىزمەت ئىشخانىلىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىڭشىغۇچىلار.

15.gif


AKG K240DF



16.gif


SENNHIRSER HD 580



17.jpg


AKG K271


بىز كۆپ ئىشلىتىدىغان كەسپى تىڭشىغۇچىلار ئىلىكتىر ماگىنىتلىق ھەركەتچان ئوراملىق تىڭشىغۇچىلار بولۇپ ،ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرى ياڭراتقۇنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچلىرى بىلەن ئوخشايدۇ . كەسپى تىڭشىغۇچىلار يىمىق شەكىللىك ۋە ئوچۇق شەكىللىك دەپ ئىككى خىل ئۆلچەمدە بولۇپ ،بۇ تىڭشىغۇچىنى قۇلاققا تاقىغاندىن كىيىن تىڭشىغۇچىتىن سىرتىقا تارقالغان ئاۋازنىڭ ئاۋاز مىقتارى تەرىپىدىن بەلگىنىدۇ . ئادەتتە ئۈن ئىلىش ئۆيىدە ھىمىق شەكىلدىكى تىڭشىغۇچ ئىشلىتىلىدۇ . كونتورۇللاش ئۆيىدە قايسى خلدىكىسى بولسا بولىۋىرىدۇ . بەزى كەسپىي ئاۋاز كارتىسىدا مەخسۇس تىڭشىغۇچ ئىغىزى سەپلەنگەن ، بەزىلىرىدە بولسا تىڭشىغۇچ  چىتىش ئىغىز سەپلەنمىگەن بولىدۇ.
ئادەتتە كۆپ يوللۇق ئۈن ئالغاندا كۆپ  تىڭشىغۇچ چاتقىلى بولىدىغان بىر ئۈسكىنىگە ئىھتىياجىلىق بولىمىز. بۇ ئۈسكىنە تىڭشىغۇچ تەقسىملىگۈچ بولۇپ ، كۆپ دانە  تىڭشىغۇچ چاتقىلى بولىدىغان ئىغىز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

18.jpg


Mackie HM54 تىڭشىغۇچ تەقسىملىگۈچ


    بۇ يەردە قوشۇمچە ئەسكەرتىدىغىنىم شۇكى ، تىڭشىغۇچنى ئاۋاز تەڭشەش ، كىرىشتۈرۈش ، ئۈنۈملەش ، ماستىرلاپ چىقىرىش قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرىدا تولۇق ھالدا كەسپىي ياڭراتقۇنىڭ ئورنىدا ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئۇنى پەقەت ياڭراتقۇدا چىققان ئاۋاز ئۈنۈمنى سىلىشتۇرۇپ ئاڭلاشقا ئىشلەتسە ئەڭ مۇۋاپىق. يەنە كىلىپ ئۇزاق مۇددەت تىڭشىغۇچ تاقىغاندا قۇلاقىنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا بەلگىلىك تەسىرى بولىدۇ.
    مېنىڭچە كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەشنى يىڭى ئۆگىنىۋاتقان ساۋاقداشلار بۇ ئۇزۇن تېمىنى تولۇق ئوقىغاندىن كىيىن كەسپىي تىڭشىغۇچ ۋە ياڭراتقۇنىڭ   مۇھىملىقىنى  تونۇپ يىتەلەيدۇ.  يەنە بەزى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر مۇنداق بىر سۇئالنى مۇمكىن : مېنىڭ پۇلۇم يېتىشمەيدۇ، كەسپىي تىڭشىغۇچ ۋە ياڭراتقۇنىڭ ئورنىغا ئادەتتىكى  كۆپ ۋاستىلىق ئاۋاز ياڭراتقۇنى ئىشلەتسەم بولامدۇ؟ جاۋابى شۇكى : ئەلۋەتتە بولىدۇ ، لېكىن، بۇنى پەقەت  مەشىق باسقۇچىدا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئىشلىمەكچى بولغان  ئەسەرلىرىڭىز كەسپىيرەك بولسا، يەنىلا مەخسۇس كەسپىي ياڭراتقۇ ۋە تىڭشىغۇچ  ئىشلەتمەي ئامال يوق.
    يەنە بەزى دوستلىرىمىز چىقىمنى تىجەش ئۈچۈن ئۆزى ئىشلىتىدىغانغا كەسپىي تىڭشىغۇچ ، ناخشىچى ياكى چالغۇچىلار ئىشلىتىدىغانغا ئادەتتىكىچە تىڭشىغۇچ سەپلەيدۇ. ئەمما ئۈنگە ئالدۇرۋاتقانلارمۇ ياخشى ، يىقىملىق ، سۈپەتلىك تەڭكەش مۇزىكىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ ناخشىنى ئورۇندىسا ياكى مۇزىكىسى چالسا چوقۇم تىخمۇ ھىسىياتلىق ئورۇندىيالىشى مۈمكىن. ئۇندىن باشقا ئۈن ئىلىش ئۆيىگە نىسپەتەن ھىمىق شەكىللىك كەسپىي تىڭشىغۇچ بىر قەدەر مۇۋاپىق ، بولمىسا مىكرافۇن ئاسانلا تىڭشىغۇچتىن چىققان مۇزىكا ئاۋازىنى بىللە قوشۇپ ئۈنگە ئىلىۋالىدۇ.

HD 820.jpg


Sennheiser نىڭ ھىمىق شەكىللىك كەسپىي تىڭشىغۇچى HD 820


   يۇقاردا بىز ياڭراتقۇ بىلەن تىڭشىغۇچ توغرىسىدا توختۇلۇپ ئۆتتۇق .ئەلۋەتتە ،مەھسۇلات ئىشلىگەن شىركەتلەر مەھسۇلات ئۆلچەملىرىنى قالايمىقان يىزىپ ئىستىمالچىلارنى قايمۇقتۇردىغان ئەھۋەللار ھازىر ناھايىتى كۆپىيىپ قالدى، بولۇپمۇ داڭلىق شىركەتلەر . شۇڭا ئاۋاز ئۈسكىنىلىرى سىتىۋالغاندا ئىشلىتىپ باققانلاردىن كۆپرەك سۈرۈشتۈرۈش ،ئىمكان بار ئۆزى قول سىلىپ ئىشلىتىپ سىناپ بىقىش ناھايىتى مۇھىم .

تىڭشىغۇچ ۋە ياڭراتقۇ توغرىسىدا (1)

بۇ تىمىنىڭ ئالدىنقى سانىنى يۇقاردىكى ئۇلانمىنى بىسىپ كۆرۈڭ


ماقالە تەيييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم

ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-8-14 03:57 , Processed in 0.050965 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش