xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 5507|ئىنكاس: 0

ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا ئومومى چۈشەنچە (1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
    ھەممەيلەن بىلىمىز ،كومپىيوتېر مۇزىكىسى ساھەسىدە ئاۋاز كارتىسىنىڭ رولى ئىنتايىن چوڭ .چۈنكى ئاۋازنىڭ ھەممىسى ئاۋاز كارتىسىدىن چىقىدۇ .بۈگۈن بىز كومپىيوتېر مۇزىكا سىستىمىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈسكىنە ئاۋاز كارتىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقمىز .
    بىز ئىلگىرى ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا ئاز _ تولا توختالغان ئىدۇق ،ئۇنداقتا ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمەت  ۋەزىپىسى نىمە ؟ بۇ ئىنتايىن ئاددى ، يەنى پۈتۈن ئاۋاز سىستىمىسدا ئۇ ئاۋازنىڭ كىرىپ_چىقىشغا مەسئۇل .مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇ ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ I/O  سىدۇر. ئۇنداقتا I/O دىگەن نىمە مەنىنى بىلدۈرىدۇ ؟
ناھايىتى ئاددى ، i دىگىنىمىز in (كىرگۈزۈش) دىگەن مەنىدە ،o دىگىنىمىز out (چىقىرىش ) دىگەن مەنىدە .ئىككى مەنىنى بىرلەشتۈرسەك  I/O كىرىش_چىقىش دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .ئاۋاز ئالغاندا ئاۋاز كارتىسى ئاۋازنى رەقەمگە ئۆزگەرتىدۇ . قويغان ۋاقىتتا ئاۋاز كارتىسى رەقەمنى ئاۋازغا ئۆزگەرتىدۇ . ئاۋاز كارتىسى مانا مۇشۇنداق رولغا ئىگە .
    بىز دائىم ئىيتىدىغان «كەسپى ئاۋاز كارتىسى » مەخسۇس ئۈن ئىلىش ۋە مۇزىكا ئىشلەش ئۈچۈن لاھىيلەنگەن . ئادەتتىكى ئاۋاز كارتىسى بولسا كۆڭۈل ئىچىش ،ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن لاھيىلەنگەن . كەسپىي ئاۋاز كارتىسى ئاۋاز چاستوتا ئىغىزى ياكى ئاۋاز چاستوتا كارتىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ . جۇڭگۇ تەيۋەندە ئاۋاز ئۈنۈملەش كارتىسى دەپ ئاتىلىدۇ . ئومومەن ھەممىسى بىر خىل مەنىگە ئىگە . دەسلىپىدە ئاۋاز كارتىسى ئاۋاز مەنبەسىنى تولۇقلاش رولىنى ئوينىغان ،ئۆزىدە بىرەر يۈز خىل ۋولنومېتر  ئاۋاز مەنبەلىرىنى ساقلىغان .بىراق ئۇ ئاللىبۇرۇن ئۆتمۈشكە ئايلاندى .
    ئاۋاز كارتىسى يوق ۋاقىتلاردا ،كومپىيوتېر گاچا ئىدى ،پەقەت ماشىنا ساندۇقچىسىنىڭ ئىچىدىكى كىچىك بىر لابا كومپىيوتېر ئەسكەرتىشكە تىگىشلىك ئۇچۇرلارنى «تىت» قىلغان ئاۋاز بىلەنلا ئىپادىلەپ بىرەتتى . ئەمما بۇ كومپىيوتېرنىڭ ھەقىقى ئاۋاز چىقارغانلىقى ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ . ھەقىقى ئاۋاز چىقارغان كومپىيوتېر pc كومپىيوتېر بولماسىتىن بەلكى ئالما كومپىيوتېرى .
    دۇنيادىكى تۇنجى ئاۋاز كارتىسى ADLIB ناملىق ئاۋاز كارتىسى بولۇپ ،1984-يىلى ئەنگىلىيىنىڭ ADLIB AUDIO ئىشلەپ چىقارغان . بىراق ئۇ چاغدا تىخنىكا ئاجىز بولغاچقا ئىقتىدارى جەھەتتىن ھازىرقى ئاۋاز كارتىلىرىغا قارىغاندا كۆپ كەينىدە تۇراتتى .ئۇ پەقەت تاق يوللۇق ئاۋاز سىگىنالىنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇپ ،ئاۋاز سۈپىتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن ئىدى .

1.jpg


ADLIB شىركىتىنىڭ ئاۋاز كارتىسى


    ئاۋاز كارتىسىنى شەخىسلەر كومپىيوتېرىدا ئىشلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىنى بىزگە تونۇشلۇق بولغان سىنگاپور CREATIVE شىركىتىدۇر . ئەمىلىيەتتە CREATIVE شىركىتىنىڭ ئاۋاز كارتىسى تەتقىق قىلىش تارىخى ADLIB دىن قىسقا ئەمەس . ئەينى چاغدا CREATIVE شىركىتىنىڭ تەسىر دائىرىسى كىچىك بولغاچقا تەتقىق قىلىپ چىقارغان مەھسۇلاتلىرى پەقەت تەجىربىخانىدىلا ئىشلىتىلگەن . كەڭ دائىردە بازارغا سىلىنمىغان . 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 90-يىللارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە  «كۆپ ۋاستىلىك كومپىيوتېر » ئۇقۇمىنىڭ مەيدانغا كىلىشىگە ئەگىشىپ CREATIVE شىركىتى ئاندىن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، Sound Blaster ماركىلىق ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلەپ چىقىرىپ بازارغا سالدى . بۇ ئاۋاز كارتىسىنى دۇنيادىكى ئەڭ كىلاسسىك ئاۋاز كارتىسى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . ئەينى چاغلاردا بىردانە SB Live دانە ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلىتىش بارلىق مۇزىكىنى ياخشى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئارزۇسى دىيىشكە بولاتتى . بۇ ئاۋاز كارتىسىدا يەنە بىر دانە midi ئىغىزنى كىڭەيتىش كارتىسى ۋە Cakewalkيۇمشاق دىتالى بىلەن تەمىنلەنگەن ئىدى .

2.jpg


midi ئىغىزنى كىڭەيتىش كارتىسى سەپلەنگەن SB Live ئاۋاز كارتىسى


    كومپىيوتېر مۇزىكىسى تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تىز بولدى .كومپىيوتېر ئۈن تىخنىكىسى تىز سۈرئەتتە ئوموملاشتى . مەخسۇس ئاۋاز كارتىسى ئىشلەپ چىقىردىغان شىركەتلەرمۇ كۆپەيدى ، باھاسىمۇ مۇۋاپىقلاشتى ،  شەخسلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە باب كىلىدىغان ئاۋاز كارتىسى مەھسۇلاتلىرى بازارنى بارا-بارا ئومومىيۈزلۈك قاپلىدى.
    تۆۋەندە بىز ئاۋاز كارتىسىنىڭ تۈزۈلىشى توغرىسىدا توختىلىمىز .
    بىر تال ئاۋاز كارتىسىنى قولىمىزغا ئالغىنىمىزدا، كارتا ئۈستىدىكى ھەر خىل ئۆزەكلەرنى كۆرەلەيمىز ، ئەمما مۇھىم ئۆزەك پەقەت ئۈچ تۈرلۈك . ئۇ DSP ئۆزىكى،   كىرىش -چىقىشنى كونتوروللاش ئۆزىكى ۋە CODEC ئۆزىكىدىن ئىبارەت .
    بىز ئاۋۋال  DSP ئۆزىكى ئۈستىدە توختىلىمىز .  DSP بولسا Digital Signal Processor نىڭ قىسقارتىلىپ ئاتىلىشى بولۇپ ، ئۇيغۇرچە مەنىسى «رەقەملىك سىگىنالنى بىر تەرەپ قىلغۇچ » ، ئۇ رەقەملىك لوگىكا توك يولىنى ئىشلىتىپ ، رەقەملىك سىگىنالنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۆزەكتۇر .DSPبولسا cpuغا ئوخشاش ،بەلگىلىك ھىساپلاش ئىقتىدارىغا ئىگە  ھەم مەخسۇس ئاۋاز چاستوتىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئۇ ئاۋاز كارتىسىنىڭ cpu سىدۇر .
    DSP ئۆزىكىنى تەھرىرلەشكە بولىدۇ .شۇڭا تۈزگۈچى ئۇنى قانداق قىل دىسە ئۇ شۇنى ئورۇنلايدۇ . ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ئۇنىڭ رولى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل . بىرىنجىسى ، ئاۋاز كارتىسىدىكى ئۈن ۋە midiقاتارلىقلارنى كونتىروللاشقا مەسئۇل توك يولىنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ ۋە كونتورول قىلىپ ، ئويۇن ، dvd  ،mp3،
midi قاتارلىق قاتتىق دىتاللارنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ . ئىككنجى تۈرلۈك ئىقتىدارى رەقەملىك ئاۋاز چاستوتا سىگىنالىغا نىسپەتەن ھىساپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش ئىلىپ بىرىش . بىز دائىم ئىيتىدىغان DSP ئۆزىكى بار كەسپى ئاۋاز كارتىسى ئاساسلىقى ئىككنجىسىنى كۆرسىتىدۇ .مەسلەن ،داڭلىق Pulsar ئاۋاز كارتىسى . ئۇ DSP ئۆزىكى ئارقىلىق ئاۋاز ئۈنۈملەش قىستۇرما دىتاللىرى ۋە بىركمە چالغۇ قىستۇرما دىتاللىرىنى يۇرگۈزىدۇ .كومپىيوتېرنىڭ cpu بايلىقىنى ئىگللىمەيدۇ . ھازىر كەسپى مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر مۇشۇ خىلدىكى DSPئۈنۈملەش كارتىسىنى سەپلەيدۇ . مەسلەن : UAD 、TC PowerCore قاتارلىقلار .

3.jpg


PulsarII ئاۋاز كارتىسىدىكى 6 دانە DSP ئۆزىكى



    SB Live ئاۋاز كارتىسىدىكى DSP ئۆزىكىنىڭ ئۈنۈم بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى يوق ، پەقەت ئاۋاز كارتىسىنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رولى بار. ئەمما KX قوزغۇتۇش  پىروگىراممىسىنى قاچىلىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭدا مەخسۇس ئۈنۈم قىستۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭلاشقا DSP ئۆزىكىنىڭ نىمە رول ئۆتىشى قوزغۇتۇش پىروگىراممىسىغا باغلىق.


4.jpg


KX قوزغۇتۇش پىروگىراممىسى ئاستىدا SB Live ئاۋاز كارتىسىدا ئىجرا قىلىنىۋاتقان  DSPسادا ئۈنۈم  قىستۇرمىسى


    بارلىق ئاۋاز كارتىسىدا DSP ئۆزىكى بولمايدۇ. مەسلەن : M-Audio نىڭ AP2496 ئاۋاز كارتىسى قاتارلىقلار . بۇ خىلدىكى ئاۋاز كارتىسى بىۋاستە I/Oكونتوروللاش ئۆزىكىنى ئاساسى ئۆزەك قىلغان ، بەزى ئاۋاز كارتىسىدا DSP ئۆزىكى بولسىمۇ بىراق DSP ئۆزىكىنڭ قىستۇرما ئۈنۈملۈگۈچلەرگە ھىچقانداق رولى يوق . پەقەت ئاۋاز كارتىسىنىڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ .
    I/Oكونتوروللاش ئۆزىكىنى ئاتىلىشىدىن بىلىمىزكى ، ئۇ ئاۋاز كارتىسىنىڭ چىقىرىش ۋە كىرگۈزۈش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئۆتەيدۇ . ھازىر نۇرغۇنلىغان ئاۋاز كارتىسىدا پەقەت ئاۋاز چاستۇتا ئىغىزى بار ، DSP يوق ،ئۇ پەقەت I/O كونتوروللاش ئۆزىكىگە تايىنىپ ئاۋاز چاستوتىنىسىڭ چىقىرش ۋە كىرگۈزىشىنى ماسلاشتۇرىدۇ. مەسلەن : MAYA1010 ئاۋاز كارتىسى VIA Envy24نىڭ I/Oكونتوروللاش ئۆزىكىنى ئىشلىتىدۇ . VIA Envy24 ئۆزىكىنىڭ ئىچىكى قىسمىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 20 دانە  36 خانلىق رەقەملىك كىرىشتۈرۈش قانىلى ئىشلىتىلگەن ھەمدە I2S كىلىشىمى ۋە DAC تۇتاشتۇرۇلغان، بۇ خىل ئۆزەك تۆۋەن باھالىق كەسپىي ئاۋاز كارتىسىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.

5.jpg


VIA/ICEnsemble Envy24 نىڭ I/O ئۆزىكى


    CODEC، بۇ بولسا كود شىغىرىنى يەشكۈچ ، ئۇنىڭ ئاۋاز كارتىسىدا ئىككى تۈرلۈك مۇھىم رولى بار . بىرىنجىسى ، كومپىيوتېرىكى رەقەملىك سىگىنالىنى تەقلىدى سىگىنالغا ئايلاندۇرىپ بىرىدۇ . ئىككىنجىسى ،تەقلىدى سىگىنالنى رەقەملىك سىگىنالغا ئايلاندۇرىدۇ . ئۇنى تەشكىل قىلدىغان ئاساسلىق قىسىم  بولسا  ADC ۋە DAC ئۆزىكى بولۇپ ، ئادەتتە قىسقارتىپ AD/DA دەپ ئاتلىدۇ .
    شۇڭا بۇ ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم قىسىم دىيشكە بولىدۇ. بىر دانە ئاۋاز كارتىسىنىڭ تەقلىدى كىرگۈزۈش چىقىرىش سۈپىتى ۋە CODEC نىڭ ئايلاندۇرۇش سۈپىتى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر DSP ياكى I/O كونتىروللىغۇچ ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئىچىكى رەقەملىك سىگىنالىنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ دىسەك ، ئۇنداقتا CODEC بولسا تەقلىدى كىرگۈزۈش -چىقىرىشنىڭ ياخشى يامانلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بىر ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنىڭ قانداقلىقىنى دەڭسەشتە ئاۋۋال ئۇنىڭغا قايسى ئۆزەكنىڭ CODEC قىلىپ ئىشلىگەنلىكىگە قاراش كىرەك.


6.jpg


ECHO MIA MIDI ئاۋاز كارتىسدا AKM AK4528VF بىردانە ADC ئايلاندۇرغۇچ سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ ئاۋاز سۈپىتى ناھايىتى ياخشى.


    ئەلۋەتتە ، بۇ  ئۆزەك ياخشى بولسا ئاۋاز سۈپىتىمۇ ياخشى بولىدۇ دىگەنلىكمۇ ئەمەس ، ئەمىلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى ئاساسى ئۈچ خىل ئۆزەكتىن باشقا ئاۋاز كارتىسىنىڭ پۈتۈن بىر قۇرۇلمىسىدىكى باشقا بۆلەكلەرمۇ ،جۈملىدىن تەقلىدى توك يولىغا ئىشلىتىلگەن ماتىرىيال ،يەنە باشقا ئۆزەكلەر قاتارلىقلارمۇ ئىنتايىن مۇھىم . ئاۋاز سۈپىتى دىگەن بۇ تىمىنى چۈشەندۈرۈش يامان تەس .ئاۋاز كارتىسىدىكى ئاساسى ئۆزەكلەرنىڭ سۈپىتى ھەرگىزمۇ ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئاۋاز سۈپىتىنى بەلگىلەپ بىرەلمەيدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قايسى ئاۋاز ئۈسكىنلىرى سودىگەرلىرىنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى داڭلاپ چىقارغان ئىلانلىرىدا ئىستىمالچىلارنى قايمۇقتۇردىغان ئەھۋاللارمۇ يوق ئەمەس . ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمىيەتتىكى مەخسۇس كەسىپتىكى باھالىغۇچىلارنىڭمۇ ئاۋاز سۈپىتى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى بىردەك ئەمەس . شۇڭا ئاۋاز كارتىسى ئالغاندا ھەرگىزمۇ ئىلانغا ياكى ئىشلىتىلگەن ئۆزەكنىڭ سانى ۋە ئۇنىڭ ئىقتىدار كۆرسەتكۈچىگىلا قارىماسلىق كىرەك . ياخشى بىر ئاۋاز كارتىسى تاللاشتا كەسىپداشلاردىن ، ئىشلىتىپ كۆرگەنلەردىن كۆپرەك سوراش ۋە ئۇلارنىڭ باھاسىنى ئاڭلاپ بىقىش كىرەك.
كۆپ قىسىم كەسپى خادىملار ئاۋاز كارتىسىدىكى AD/DA ئايلاندۇرغۇچ ئۆزىكىنى ئىشلەتمەي ،ئايرىم AD/DAئايلاندۇرغۇچ ئۆزىكىنى سەپلەپ ئىشلىتىدۇ .

7.jpg


Apogee  نىڭ كەسپى AD/DA ئايلاندۇرغۇچ ئاپپىراتى


     ئەمدى بىز ئاساسى تاختىدىكى AC97 توپلاشتۇرۇلغان ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا سۆزلەيمىز .ئەمىلىيەتتە بۇ ئاساسى تاختىغا سەپلەنگەن ئاۋاز كارتىسىنىلا كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى بىر خىل ئۆلچەمىنى كۆرسىتىدۇ . بۇ 1996-يىلى 6-ئايدا بەش pc ساھەسىدىكى قاتتىق _يۇمشاق دىتال ساھەسىدىكى شىركەتلەر ئورتاق چىقارغان ئاۋاز كارتىسى ئۆلچىمى . تولۇق ئاتىلىشى AUDIO CODEC97 . ئۇ بىر قىسىم ئىقتىدارلار ئۆلچەملەرنى تولۇق قىلىپقا سالغان ، مەسلەن :16بىتلىق سىتىرولۇق ئاۋاز ، 48k لىق ئۈلگە چاستوتىسى قاتارلىقلار . ھالبۇكى ، بۇ ئۆلچەملەر يەنە بىر قىسىم مەسىللەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى .ئۇنىڭدا مۇقىم 48kHzئۈلگە چقىرىش ئەندىزىسى ئۆلچەم قىلىنغان بولغاچقا ، باشقا فورماتتىكى ئاۋاز چاستوتىلىرى چوقۇم Sample Rate Convertor ئۈلگە چاستوتىسى ئايلاندۇرغۇچىتىن ئۆتىشى زۆرۈر بولدى . ئەمما كەسپى ئاۋاز كارتىسى AC97 نىڭ بۇ ئۆلچىمىگە ئەمەل قىلمايدۇ .شۇڭا ئۇنىڭدا Sample Rate Convertor مەسلىسى مەۋجۇت ئەمەس .

8.jpg


ئاساسى تاختىدىكى AC97 توپلاشتۇرۇلغان ئاۋاز كارتىسى


دىمەك ،AC'97بولسا پەقەت ئاساسى تاختا ئۈستىدىكى CODEC ئۆزىكىدىن ئىبارەت .يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر دائىم: « ئاساسى تاختىغا توپلاشتۇرۇلغان ئاۋاز كارتىسىدا كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەشنى مەشىق قىلىشقا بولامدۇ؟» دەپ سورايدۇ .جاۋاپ شۇكى بولىدۇ ،چاتاق يوق !ھازىر ئشىلىتىلىۋاتقان ئاۋاز مەنبەسى پىروگىراممىلىرى بىۋاستە ھىساپلىغۇچ ئارقىلىق ئۈن ھۆججىتىگە ئايلاندۇرلىدۇ ،ئۇ ھىساپلاپ  چىقىردىغان ئاۋازنىڭ سۈپىتى بىلەن ئاۋاز كارتىسىنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق . بىراق ،ئاساسى تاختىغا توپلاشتۇرۇلغان ئاۋاز كارتىسى ASIO قوزغاتقۇچنى قوللىمىغاچقا ئاۋاز مەنبەسى پىروگىراممىلىرىنى ئىشلەتكەن چىغىمىزدا ئاۋازدا چوقۇم كىچىكىش پەيدا بولىدۇ . ئەمىسە قانداق قىلىمىز ؟ بۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى ، سىز پەقەت كومپىيوتېرغا ASIOقوزغاتقۇچ پىروگىراممىسىنى قاچىلىسڭىزلا بولىدۇ .مەسلەن:  Wuschel 4ALL ASIO قوزغاتقۇچ پىروگىراممىسى . بۇ سىسىتمىنى قاچىلغاندىن كىيىن AC97 ئاۋاز كارتىڭىز كەسپى ئاۋاز كارتىسىغا ئوخشاشلا تۆۋەن كىچىشتىن بەھرىمان بولالايدۇ . ئادەتتە  Image-Line FL Studio مۇزىكا يۇمشاق دىتالىنى قاچىلىسىڭىزلا 4ALL ASIO ئاپتۇماتىك بىللە قاچىلىنىپ كىتىدۇ .

9.jpg







     بۇ كەسىپنى يىڭىدىن ئۆگىنىۋاتقان  دوستلار بەلكىم ASIO نىڭ نىمە ئۇقۇم  ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ ئاۋاز كارتىسىنىڭ قوزغۇتۇش پىروگىراممىسىنىڭ بىر خىل ئۆلچىمى بولۇپ . قوزغىتىش  پىروگىراممىسى ئاۋاز كارتىسىنىڭ جېنى، ئىنتايىن مۇھىم نەرسە. تۆۋەندە كەسپىي ئاۋاز كارتىسى قوللايدىغان   دائىم ئىشلىتىلىدىغان قوزغىتىش ئۆلچىمىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

1.MME-بۇ كونا ئۆلچەم، بارلىق نۇسخىدىكى Windows9X سۇپىسىدا ئىشلەيدۇ. ھازىر يەنە بەزى كونا ئاۋاز يۇمشاق دېتاللىرى بۇ قوزغىتىش پىروگىراممىسى ئارقىلىق خىزمەت قىلىدۇ، MME ھازىر ئاساسىي جەھەتتىن پېنسىيەگە چىقتى.

2.WDM-مىكروسوفت تۈزگەن Windows ئۈن قوزغىتىش پىروگىراممىسى، ئۇ Win98SE دىن كېيىنكى Windows سۇپىسىدا خىزمەت قىلىدۇ، WDM قوزغىتىش ئۆلچىمىدىكى ئاۋاز كارتىسىنى ئىشلەتكەندە، ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ كېچىكىش ۋاقتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بىز كومپىيوتېردا مۇزىكا ئاڭلىغاندا ئادەتتە ئۇنى ئىشلىتىمىز. بەزى كەسپىي ئاۋاز يۇمشاق دېتالىمۇ ئۇنى ئىشلىتىدۇ.

3.GSIF بولسا GigaStudio Interface نىڭ قىسقارتىلمىسى، GigaStudio بولسا بۇرۇن ناھايىتى كەڭ قوللىنىلغان ئاۋاز نۇسخىلاش يۇمشاق دېتالى. ئەگەر  مۇستەقىل نۇسخىدىكى GigaStudio  يۇمشاق دېتالىنى راۋان يۈرگۈزمەكچى بولساق ، ئۇنداقتا ئاۋاز كارتىسى چوقۇم GSIF نى قوللىشى كېرەك. لىكىن ھازىر بۇ ئۆلچەمدىكى قوزغىتىش پىروگىراممىسىنى قوللايدىغان ئاۋاز كارتىسى يوق دىيەرلىك. چۈنكى GigaStudio ئاللىبۇرۇن كومپىيوتېر مۇزىكىسى ساھەسىدىن چۈشۈپ قالدى.

4.ASIO-بۇ نۆۋەتتە بىز مۇزىكا ئىشلەشتە دائىم ئىشلىتىدىغان ، شۇنداقلا ئەڭ مۇھىم بولغان قوزغاتقۇچ پىروگىراممىسى .
ئۇ ئاۋاز بىر تەرەپ قىلىش يۇمشاق دېتالى بىلەن قاتتىق دېتال ئارىسىدا كۆپ يوللۇق يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سىستېمىنىڭ ئاۋاز چاستوتىسى ئېقىمىغا بولغان ئىنكاس ۋاقتىنى ئەڭ قىسقا ھالەتكە چۈشۈردى. ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئاۋاز چاستوتىسى ئېقىمىغا ئىنكاس قايتۇرۇش ۋاقتىنى ئون نەچچە مىللىسېكۇنت ئىچىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ «رېئال ۋاقىتلىق» تەلىپىنى تولۇق قاندۇردى.

ئۇنداقتا كىچىكىش مەسىلىسى ھەل بولغاندىن كىيىن يەنە ئايرىم كەسپى ئاۋاز كارتىسى سىتىۋىلىشنىڭ ئورنى يوقكەندە ؟ نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار دەيسىز ...ئاۋاز يولىغا بىرىكمە چالغۇلارنى قانچە كۆپ قاتقانسىرى  بىر خىل پارتىلاپ يىرىلغاندەك ئاۋاز پەيدا بولىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە AC97 ئاۋاز كارتىسىنىڭ ئۈن ئىلىش سۈپىتى بىلەن ئاشۇ كەسپى ئاۋاز كارىتىسىنىڭ ئۈن ئىلىش سۈپىتى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئىلىپ بىرىشنىڭ تىخمۇ ئورنى يوق .بىراق يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر دەسلىپىدە يەنىلا Wuschel 4ALL ASIO پىروگىراممىسنى قاچىلاپ مەشىق قىلىپ ئۈگەنسە تامامەن بولىدۇ .

ئاۋاز كارتىسى توغرىسىدا ئومومى چۈشەنچە (2)

ئۈستىدىكى ئۇلانمىنى بىسىپ داۋامىنى كۆرۈڭ


ماقالە تەييارلىغۇچى :  پەرھات ئابدۇرىھىم

دىققەت : كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا قەتئىي بولمايدۇ !
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-8-14 04:22 , Processed in 0.036507 second(s), 10 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش