xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 3114|ئىنكاس: 0

مۇزىكا يۇمشاق دىتاللىرىنى چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
ياخشىمۇ سىلەر دوستلار! مەن پەرھات مۇئەللىم بولىمەن .
يىقىندا تور بىكىتىمىزنىڭ ئۈندىدار توپىنى قۇرغاندىن كىيىن نۇرغۇن دوستلار ئۈندىدار توپىمىزغا قوشۇلدى. ئادەم كۆپەيگەنسىرى بىر قىسىم مەسىلىلەر قايتا-قايتا ئوتتۇرغا چىقىپ بۇ تېمىنى يېزىشىمغا سەۋەپچى بولدى.

1. ئەڭ يېڭى مۇزىكا يۇمشاق دىتاللىرى ، ئاۋاز مەنبەلىرى ، ئۈنۈم قىستۇرمىلىرى توغرىسىدىكى ئەڭ يىڭى ئۇچۇرلارغا زادى قانداق ئېرىشىمىز؟
ئەلۋەتتە ،دوستلارغا  ئەڭ ئالدى بىلەن تور بىكىتىمىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بىراق بەزى دوستلار ئۆزى مۇستەققىل ئىزدىنىشكە ھېرىمسەن ، تىخمۇ كۆپ يىڭى ئۇچۇرلاردىن تېزراق بەھرىمان بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا مەن  ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان بىر قانچە تور بىكەتنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
بىرىنجىسى ، audioz تور بىكىتى .
logo.jpg

تور بىكەت ئادىرىسى : https://audioz.download
بۇ تور بىكەت ئارقىلىق سىز ھەر كۈنى ئەڭ يىڭى مۇزىكا ماتىرىياللىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ۋە چۈشۈرۈش ئادىرىسىغا ئىرىشەلەيسىز.
تور بىكىتىمىزدىكى ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئاساسەن مۇشۇ تور بىكەتتىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئەڭ تېز سۈرئەتتە تەرجىمە قىلىنىپ دوستلارغا سۇنۇلىدۇ.
بۇ تور بىكەتتە ئىلان قىلىنغان مەنبەلەرنى تولۇق چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچىسى چەتئەللەردىكى تور كارخانلىرى تەمىنلىگەن تور دىسكىسى بولۇپ، دۆلەت ئىچىدە بەزىلىرى نورمال ئىچىلمايدۇ ياكى ھەق تاپشۇرغاندىن كىيىن مۇقىم چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.

ئىككىنجىسى ، audionews تور بىكىتى.
logo.png

تور بىكەت ئادىرىسى : https://audionews.org
بۇ تور بىكەتمۇ ئوخشاشلا audio غا ئائىت ئەڭ يېڭى ماتىرىياللارنىڭ ئۇچۇرى تەمىنلىندىغان تور بىكەت بولۇپ، مۇزىكا ماتىرىياللىرىنىڭ غايەت زور BT ئۇرۇقى تەمىنلەنگەن . تېزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن بۇ ئۇرۇقلارنى چۈشۈرۈپ شۈنلىي دىتالى ئارقىلىق يۈكلەپ مەنبەلەرگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. بىراق دائىم BT ئۇرۇقى چۈشۈردىغان ، ئەمما يىڭى BT ئۇرۇقى يوللىمايدىغان ۋە ياكى BT ئۇرۇقى  ئارقىلىق چۈشۈرگەن مەنبەلەرنى ئۇزاققىچە كومپىيوتېرىدا ئەسلى ئورنىدا ساقلىمايدىغان ئىشلەتكۈچىلەر تور بىكەت تەرپىدىن تېزلا چەكلىنىپ قالىدۇ.

ئۈچىنجىسى : 0daydown تور بىكىتى
1.png
تور بىكەت ئادىرىسى : https://www.0daydown.com
بۇ تور بىكەت ئالدىنقى ئىككى تور بىكەتتىن ئازراق پەرقىلىنىدۇ. يەنى بۇ بىر ئۇنۋىرسال تۈردىكى يۇمشاق دىتال ھەمبەھىرلەش تور بىكىتى بولۇپ ، تەركىۋىدە مۇزىكا ئىشلەشكە ئائىت ماتىرىياللار ۋە دەرىسلىكلەر بار .


يۇقارقى تور بىكەتلەر ئارقىلىق ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغاندىن كىيىن دوستلار ئىزدەش تور بىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆزەڭلارغا قولايلىق بولغان چۈشۈرۈش مەنزىلىنى تىپىپ چۈشۈرۈپ پايدىلانساڭلار بولىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا  چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمىنلىگەن تور بىكەتلەرنىڭ ۋە چۈشۈرۈش قۇراللىرىنىڭ ئايلىق ياكى يىللىق ئەزالىق ھەققىنى سېتىۋىلىشىڭلار مۈمكىن، بولمىسا تېز سۈرئەتتە چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشقا بولمايدۇ .

2. توردىن چۈشۈرگەن دىتاللارنى قانداق قاچىلايمىز؟
ئىنتىرنىتتا تەمىنلەنگەن كۆپ قىسىم دىتاللارنى چۈشۈرگەندىن كىيىن info فورماتىدىكى تىكىست ھۆججىتى بىللە چۈشىدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئاچقاندىن كىيىن دىتالنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلۈشى ۋە قاچىلاش ئۇسۇلى تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، تىلى كۆپىنچە ئىنگىلىزچە ياكى روسچە بولۇشى مۈمكىن. بۇ ۋاقىتتا بىز توردا بىۋاستە تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار تور بىكەتلەر ئارقىلىق تىكىست ھۆججىتى ئىچىدىكى مەزمۇننى تەرجىمە قىلدۇرساقلا ئاساسىي جەھەتتىن قاچىلاش جەريانىنى چۈشۈنۈپ چىقالايمىز.
بەزى دوستلار دەل مۇشۇ ھۆججەت ئىچىدىكى تەلەپلەر بويىچە قاچىلىسىمۇ نورمال قاچىلىيالمايدىغان ئەھۋاللار بولۇشى مۈمكىن.
مەن ئۆزۈم قوللىنىدىغان مۇھىم ئۇسۇللارنى دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۆتىمەن.
بىرىنجى ، چوقۇم windows 10 نىڭ 64 بىتلىق نۇسقىدىكى كارخانا نۇسقىسىنى ئىشلتىڭ . يۇمشاق دىتال شىركەتلىرى ئەلالاشتۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تەمىنلىگەن ghost نۇسقىدىكى windows ئىشلىتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ . چوقۇم مىكروسوفىت بىۋاستە تەمىنلىگەن قاچىلاش نۇسقىسىنى ئىشلىتىڭ. گەرچە قاچىلاشقا ۋاقىت كۆپ كەتسىمۇ بىراق سىستىما بۇزىۋىتىلمىگەن ياكى بىر قىسىم ئىقتىدارلىرى كىمەيتىۋىتىلمىگەن بولغاچقا قوللىنىشچان يۇمشاق دىتاللارنى قوللاش ئىقتىدارى يۇقىرى بولىدۇ. ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن windows مەشغۇلات سىستىمىسى گەرچە ئىشخانا ياكى ئائىلىدە ئادەتتىكى كومپىيوتېرلاردا مەشغۇلات قىلىشقا ماس كەلسىمۇ ، بىراق بىزگە ئوخشاش كومپىييوتېر مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ مۇقۇمچانلىقىغا ۋە ماسلىشىشچانلىقىغا يۇقىرى تەلەپ قويغۇچىلارغا نىسپەتەن ئەخلەت ھىساپلىنىدۇ.

ئىككىنجى، بىخەتەرلىك يۇمشاق دىتاللىرىنى ۋاختىنچە چەكلەش ياكى مۇزىكا ئىشلەيدىغان كومپىيوتېردا بۇنداق دىتاللارنى ئىشلەتمەسلىك . بولۇپمۇ 360غا ئوخشاش لۈكچەك ۋىروسخورلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك لازىم. چۈنكى سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەقىقىي نەشىرىدىكى دىتاللار بولۇشى ناتايىن ، ھىچكىممۇ ئۆز كومپىيوتېرىدىكى بارلىق دىتاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەقىلىق دىتال ئىكەنلىكگە كاپالەت بىرەلمەيدۇ. ھەتتا ھەقلىق سېتىلغان دىتاللارنىڭ ھەممىسىمۇ چوقۇم بىخەتەرلىك دىتاللىرىنىڭ بىخەتەر دىتال تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇشى ناتايىن .  ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقلىق دىتاللارنى ھەقسىزلەشتۈرۈش ئىشلىتىدىغان كىچىك پىروگىراممىلارنىڭ ھەممىسى ئەمىلىيەتتە ۋىروس ئارقىلىق چەكلىمىنى بۇزىدىغان بولغاچقا بىز ۋىروسخورنى ئىچىپ قويساق بۇ قۇراللارنىڭ كۆپىنچىسى بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولىدۇ ياكى ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.

ئۈچىنجى، قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرگەندە چوقۇم باشقۇرغۇچى سالاھىيتىدە ئىجرا بولۇش بۇيرۇقىنى ئىشلىتىپ قاچىلاش كىرەك. ئادەتتە قاچىلىماقچى بولغان ھۆججەتنى مائۇس كۇنۇپكىسى ئارقىلىق بىسىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسساق "以管理员身份运行‘ دىگەن بۇيرۇقنى كۆرەلەيمىز. دەل مۇشۇ بۇيرۇقنى بىسىپ مەشغۇلات ئىلىپ بارساق يۇمشاق دىتالنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقوق ھالىتىدە ئىجرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

تۆتىنجى ، قاچىلاش تەرتىپىدە توردا مەشغۇلات قىلىش تەلىۋى بولمىسىلا توردىن ئۈزۈۋىتىپ تۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتى ئىلىپ بىرىش كىرەك.

بەشىنجى ، مەشغۇلات سىستىمىسىنىڭ نەچچە بىتلىق نۇسقىسىنى ئىشلەتكەن بولساق شۇنىڭغا ماس كىلىدىغان بىتتىكى يۇمشاق دىتال ياكى قىستۇرمىلارنى قاچىلاپ ئىشلىتىش لازىم . 32 بىتىلىق مەشغۇلات سىستىمىسى 64 بىتىلىق قوللىنىشچان دىتاللارنى قوللىمايدۇ.

يۇقارقىلار مەن مۇزىكا يۇمشاق دىتاللىرىنى قاچىلىغاندا قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان تەلەپلەر. ئەلۋەتتە يەنە باشقا باسقۇچلارمۇ بار. كىيىن يەنە ۋاقتىم چىققاندا داۋاملىق مۇشۇ تېمنىڭ داۋامىنى يېزىپ چىقىمەن. دوستلار ۋاقتىنچە يۇقارقى مەزمۇنلاردىن پايدىلىنىپ تۇرسا بولىدۇ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-3-28 22:43 , Processed in 0.021384 second(s), 11 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش