xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 20241|ئىنكاس: 0

تور بىكىتىمىزدە تەمىنلەنگەن مەنبەلەرنى چۈشۈرۈش ئۇسۇلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
ۋاقتى: 2016-12-16 23:14:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟

تور بىكىتىمىزدىكى مەنبەلەرنىڭ كۆپ قىسىمى بەيدۇ تور دىسكىسىغا يوللانغان بولۇپ ،تور بىكەتكە ئەزا بولۇپ قىممەت تولۇقلىغاندىن كىيىن  يانفۇن ئارقىلىق بىز تەمىنلىگەن بەيدۇ تور دىسكىنىڭ ئادىرسىنى زىيارەت قىلىپ تۈرلۈك مۇزىكا ئىشلەش يۇمشاق دىتاللىرى ۋە قىستۇرما ، خام ماتىرىياللارنى چۈشۈرۋالالايسىلەر.
ئەگەر تەمىنلەنگىنى BT ئۇرۇق ھۆججىتى بولسا شۈنلىي ، IDM قاتارلىق چۈشۈرۈش قۇراللىرىدىن پايدىلىنىپ چۈشۈرسىڭىز بولىدۇ.
بەزىدە بەيدۇ  تور دىسكىسىدىن باشقا تور دىسكىلىرىدىنمۇ مەنبەلەرنى ھەمبەھىرلەپ بىرىمىز. بۇ ۋاقىتتا شۇ تور دىسكىسىنىڭ ئورگان تورىدىكى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرسەڭلار بولىدۇ. چۈشۈرگەن بەزى  ھۆججەتلەرنى  پىرىشتىن يەشكەندە ئەگەر مەخپى نۇمۇر سورىسا ئۈندىدارىمىنى قىتىۋىلىپ تارتىنماي ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويساڭلار بولىدۇ.
يانفۇن ئارقىلىق تور بىكىتىمىزنى زىيارەت قىلىش ئىنتايىن قولاي بولۇپ ، ئادەتتە كومپىيوتېردا مەلۇم بىر تېمىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدا تەمىنلەنگەن مەنبەنى چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز ، تىمىنىڭ ئوڭ تەرىپدىكى ئىككىلىك كودىنى يانفۇن ئارقىلىق سىكانىرلىسىڭىزلا يانفۇندا شۇ تىمىنى دەرھال كۆرەلەيىسز ، چۈشۈرۈش ئادىرسىمۇ يانفۇندا نورمال ئۇلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تور بىكىتىمىزنىڭ يانفۇن ئەپ دىتالى ئارقىلىقمۇ يانفۇندا تور بىكىتىمىزنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
تور بىكىتىمىزدە كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەشكە كىرەكلىك يۇمشاق دىتاللار ، ئۈنۈم قىستۇرمىلىرى ، ئاۋاز مەنبەلىرى ، loop ئاۋاز ماتىرىياللىرى ، midi قىلىپلار قاتارلىقلار كۈندە دىگۈدەك يىڭىلىنىپ تۇرىدۇ.  يىڭى ئۆگىنىۋاتقان ساۋاقداشلار بۇ مەنبەلەردىن پايدىلىنىپ مۇزىكا ئىشلەشنى مەشىق قىلساڭلار بولىدۇ.
ئۆزىڭىزگە كىرەكلىك مەنبەلەرنى تور بىكىتىمىزدىن ئىزدەپ تاپالمىغاندا ياكى تەمىنلەنگەن چۈشۈرۈش ئادىرسى ئۈنۈمسىز بولۇپ قالغاندا ، ئۈندىدار  ئارقىلىق  ئىلتىماس قىلسىڭىز تېز سۈرئەتتە مەنبەنى تولۇقلاپ قويىمىز . ئۈندىدار نۇمۇرى : parhatmusic   
ئۇنىڭدىن باشقا كومپىيوتېر مۇزىكىسغا دائىر دۆلەت ئىچى ، سىرتىدىكى داڭلىق ئۇستازلار ۋە ئۇستىلار تۈزگەن دەرىسلىكلەر ، يازغان ماقالىلەر ، چالغۇ ئۆگىنىشكە دائىر دەرسلىك فىلىم قاتارلىقلار تەمىنلەنگەن بولۇپ ، ئۆزلىكىڭىزدىن كومپىيوتېردا مۇزىكا ئىشلەش جەريانىدا كۆرۈپ پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.
يۇقارقى ماتىرىياللار پەقەت ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلسە بولىدۇ. سودا خارەكتىرىدە ئىشلەتسىڭىز بولمايدۇ. ئىشلىتىش جەريانىدا ياقتۇرۇپ قالسىڭىز ئورگان تورى ئارقىلىق ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

20150327105637893.jpg




ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-8-14 04:26 , Processed in 0.017438 second(s), 9 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش