xjmidi

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
كۆرۈش: 1679|ئىنكاس: 0

BBE Sonic Sweet Bundle 1.0 نى ئىشلىتىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

升级   100%

扫一扫,手机访问本帖
01.jpg


BBE Sonic Sweet Bundle 1.0 بولسا 3 دانە قىستۇرما بۆلىكىدىن تەركىب تاپقان قىستۇرما بولىقى . بۇ 3 خىل قىستۇرما ئوخشاش بولمىغان ئۈنۈملەش خىزمىتىگە ماس كىلىدۇ ، ئىشلىتىش ئۇسۇلىمۇ دەششەت ئاسان ، تۆۋەندە مەن بىر تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي :

بىرنجى قىستۇرما : D82 Sonic Maximizer  
ئادەم ئاۋازى ، گىتار ، كامانچىلىق چالغۇلارغا ماس كىلىدۇ ، ئۇ ئاساسلىقى گارمۇنىك دولقۇن قوزغاتقۇچنىڭ پىرىنسىپىغا ئاساسەن  قوشۇمچە ئوۋېرتون تاۋۇشلىرىنى كۆپەيتىدۇ . تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ بىلەن ئوخشىمايدىغان يىرى : تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچ ئارقىلىق ئەسلىدە بار بولغان چاستوتىنى ئاشۇرغىلى ياكى كىمەيتىكىلى بولىدۇ ، قوزغاتقۇچ بولسا گارمۇنىك دولقۇن تەركىبلىرى ئارقىلىق يىڭى چاستوتا ھاسىل قىلىدۇ . قوزغاتقۇچنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاۋازنى تويۇنغان ، تولۇپ تاشقان ، قويۇق ،كىرىلىش كۈچى تىخمۇ كۈچلۈك قىلغىلى بولىدۇ ، بىراق ھەدىدىن ئاشۇرۇپ تەڭشىگەندە ئاۋازچۈرۈكلىشىپ ، كۇرۇسلاپ قالىدۇ .
پارامىتىرلىرى تولىمۇ ئاددى :

02.jpg


1. BBE PRCCESS  ئۈنۈمچىكنىڭ ئۈز-چات كۇنۇپكىسى ، ئاساسلىقى ئەسلىدىكى ئاۋاز ئۈنۈمى بىلەن ئۈنۈم بىرىلگەندىن كىينكى ئاۋاز ئۈنۈمىنىڭ پەرقىنى سىلىشتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ .
2. LO CONTOUR تۆۋەن چاستوتا قوزغاتقۇچ ، تۆۋەن چاستوتىلىق قوشۇمچە ئاۋازلارنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ .
3.PROCESS يۇقىرى چاستوتا كۈچەيتكۈچ ، يۇقىرى چاستوتىلىق قوشۇمچە ئاۋازلارنى كۆپەيتىشكە بولىدۇ .
4.OUTPUT LEVEL ئومومى چىقىرىش مىقتارىنى كونتىرول قىلىش ، ئاۋاز مىقتارىنىڭ چوڭ -كىچكلىكىنى تەڭشەشكە بولىدۇ .
5. OUT چىقىرىلغان توك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان سائەت ، ئەگەر ئاۋاز مىقتارى چەكتىن ئىشىپ كەتسە قىزىل رەڭلىك يانىدۇ .

ئىككىنجى قىستۇرما : H82 Harmonic Maximizer
بۇ بىر خىل ئىلىكتىر لامپىلىق قوزغاتقۇچ بولۇپ ، چاستوتىنى ئەركىن ھالدا كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ ، ئۇنىڭ پىرىنسىپى بىلەن بىرنىجى قىستۇرمىنىڭ پىرىنسىپى پۈتۈنلەي ئوخشايدۇ ، ئۈنۈم جەھەتتە بۇ ئالدىنقىسىدىن ئىللىقراق .

پارامىترى :

1. LO TUNE تۆۋەن چاستوتىلىق ئىلىكتىرون لامپا چاستوتا تەڭشىگۈچى
2 . LO MIX بولسا LO TUNE  دا تەڭشەلگەن چاستوتىغا قارىتا كۈچەيتىش ئىلىپ بارىدۇ .
3. HI TUNE يۇقىرى چاستوتىلىق ئىلىكتىر لامپا چاستوتا تەڭشىگۈچى
4. HI MIX بولسا HI TUNE دا تەڭشەلگەن چاستوتىغا قارىتا كۈچەيتىش ئىلىپ بارىدۇ .
5.OUTPUT LEVEL غول ئاۋاز مىقتارىنى كونتىرول قىلىش ، پەقەت كىمەيتىكىلى بولىدۇ ، ئاشۇرغىلى بولمايدۇ .
6. OUT چىقىرىلغان توك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان  كۆرسەتكۈچ چىراق  ، ئەگەر ئاۋاز مىقتارى چەكتىن ئىشىپ كەتسە قىزىل رەڭلىك يانىدۇ .
(ئاسىتىدىكى رەسىمدە مۇنۇلار ئىپادىلەنگەن :  77.6 گىرتىسلىق چاستوتغا 4.7 دىستىبىل قىممىتىدە گارمۇنىك دولقۇن تەركىبى قوشۇلدى ، 1.4 كىلوگىرتىسلىق چاستوتىغا 4.2 دىستىبىل گارمۇنىك دولقۇن تەركىبى قوشۇلدى ،  ئومومى ئاۋاز مىقتارى 2.2 دىستىبىل كىمەيتىلدى . )

03.jpg


ئۈچنجى قىستۇرما : L82 Loudness Maximizer
بۇ بىر خىل ئانا لىتىنى بىر تەرەپ قىلغۇچ ، ئاۋاز مىقتارىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشكە قوللىنىلىدۇ ، ئادەتتە غول لىنىيە ئۈستىگە قىستۇرلىدۇ .پەيدا قىلىدىغان ئۈنۈمى  Waves ئۇنۋىرسال ئۈنۈم قىستۇرمىسىدىكى L1 L2 L3 لارنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ئوخشايدۇ .

پارامىتىرى :

1. IN  كىرگۈزۈلگەن ئىلكتىر قۇۋۋىتىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان كۆرسەتكۈچ چىراق ، كىرۋاتقان ئاۋاز مىقتارىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ .
2. SENSITIVITY ئاشۇرۇش مىقتارى ، ئاۋاز چاستوتىسىنىڭ ئاۋاز مىقتارىنى چوڭايتىپ بىرەلەيدۇ .
3. RELEASE چەكلىگۈچ بوشىتىلغاندىن كىينكى توقۇنۇشنىڭ پەسىيش ۋاختى ، چەكلىگۈچ  ئىشتىن  توختىغاندىن باشلاپ ئىشقا چۈشكىچە بولغان ئارلىقتىكى ئۆزگۈرۈشىنى كونتىرول قىلىشقا بولىدۇ ، RELEASE نىڭ قىممىتى چوڭ بولغانىسىرى ، چەكلىگۈچنىڭ پەيدا قىلغان ئۈنۈمى شۇنچە يۇمشاق ، مۇلايىم بولىدۇ .
4. OUTPUT LEVEL غول ئاۋازنىڭ چىقىرىلىش مىقتارىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ . 0.1 - دىن 0.3 -دىتستىبىلغىچە بەلگىلىسەك بولىدۇ .
5. OUT چىقىرىلغان توك دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان  كۆرسەتكۈچ چىراق .

ئاستىدىكى  رەسىمدە كۆرسىتىلگەن پارامىتىرلار مۇنۇلارنى ئىپادىلەيدۇ   : ئاۋاز 6.1 دىستىبىل كۈچەيتىلسۇن ، كۈچەيتىلگەن ئاۋاز 0.1 - دىستىبىلدىن ئىشىپ كەتمىسۇن ، ئاۋاز مىقتارى چەكتىن ئىشىپ ئاۋازدا بۇزۇلۇش بولمىسۇن ، بۇشۇتۇش ۋاختى 3.4 دەقىقە بولسۇن .

04.jpg



ماقالە تەييارلىغۇچى : پەرھات ئابدۇرىھىم
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|ئالاقىلىشش ئۇسۇلى|ياردەم|يانفۇن|قاماقخانا|شىنجاڭ midi تورى|新疆midi网   

GMT+8, 2020-9-19 07:42 , Processed in 0.055367 second(s), 11 queries , Wincache On.

Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش